خىتاي: دېڭىزنى تولدۇرۇپ ئارال ياساش قۇرۇلۇشىنى توختاتتۇق

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى تولدۇرۇپ ئارال ياساش قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى توختىتىپ قويغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

317182
خىتاي: دېڭىزنى تولدۇرۇپ ئارال ياساش قۇرۇلۇشىنى توختاتتۇق

ئامېرىكا ئاۋازىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تالاش-تارتىش پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزنى تولدۇرۇپ سۈننىي ئارال ياساش قۇرۇلۇشىنى توختىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتقان. ۋاڭ يى چارشەنبە كۈنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررىي بىلەن كۆرۈشكەن.
ۋاڭ يى مۇخبىرلارنىڭ تالاش-تارتىش پەيدا قىلىپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنى تولدۇرۇش قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىگە دائىر سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ«خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇشنى توختىتىپ قويدى» دېگەن ۋە مۇخبىرلارغا ئايرۇپىلانغا ئولتۇرۇپ كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلغان.
جون كېررىي ۋاڭ يىغا خىتاينىڭ دېڭىزنى تولدۇرۇپ سۈننىي ئارال ياساش قۇرۇلۇش خىزمىتىنىڭ قاتتىق تالاش-تالاش پەيدا قىلغانلىقىنى، ھەتتا قۇرۇلۇش خىزمەتلىرى ئىچىدە ھەربىي قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
جون كېررىي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى يىغىنىدا سۆز قىلغاندا مۇنداق دېگەن: «شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى قوغداشنى تەكىتلەپ كەلمەكتە، ئامېرىكىنىڭ ئارزۇسى مۇشۇنداق.»
ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىن خىتايدىن دېڭىزنى تولدۇرۇپ ئارال ياشاش قۇرۇلۇشىنى توختىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقانىدى.
ئامېرىكىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدار جون كېررىي بىلەن ۋاڭ يىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدىن باشقا، شى جىنپىڭنىڭ سېنتەبىر ئېيىدىكى ئامېرىكا زىيارىتى ئۈستىدىمۇ كېڭەش ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر