كولومبىيەدە بىر ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

جەنۇبى ئامېرىكا دۆلىتى كولومبىيەدە بىر ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 15 خەۋپسىزلىك خادىمى ئۆلدى، 2 سى ئېغىر يارىلاندى.

315627
كولومبىيەدە بىر ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولومبىيەلىك ئالاقىدار خادىملار، Black Hawk تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ دۆلەتنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دەرەخزارلىق رايون ئۇراباغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىش سەۋەبىنىڭ ھازىرغىچە ئېنىقلىنالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاندىكى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقانىكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر