خىتاينىڭ كىرېستلارنى يېغىۋىلىش قارارى نارازىلىق پەيدا قىلدى

كىرېستنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىغا قارشى چىققان بىر گۇرۇپ خرىستىئان خىتايلار دىنىي كۈيلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

316869
خىتاينىڭ كىرېستلارنى يېغىۋىلىش قارارى نارازىلىق پەيدا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا ساقچىلارنىڭ كىرېستلارنى يېغىۋىلىشى تەپەيلى جىددىچىلىك يۈز بەردى.
خىتاينىڭ جېجىياڭ رايونىدا چىركاۋلارنىڭ ئۆگزىسىدىكى كىرېستلار قۇرۇلۇشقا ماس كەلمىگەن دېگەن سەۋەب بىلەن ئېلىپ تاشلاندى.
كىرېستنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشىغا قارشى چىققان بىر گۇرۇپ خرىستىئان خىتايلار ئالاقىدار مەسئۇللار كېلىشتىن ئىلگىرى چىركاۋغا توپلاندى. خرىستىئان دىنىي كۈيلەرنى ئوقۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاينىڭ يۇياڭ ۋە پىنياڭ رايونلىرىدىمۇ بىر گۇرۇپپا كاتولىك چىركاۋلارنىڭ ئالدىغا يۈك ئاپتوموبىللىرىنى توختىۋېلىپ، خىتاي مەسئۇللىرىنىڭ كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ھاكىمىيەت ئورگانلىرىدىن ئۈستۈن ھېچ قانداق ئورگاننىڭ بولماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە خرىستىئانلىقنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كىرېستلارنى يېغىۋىلىش قارارى ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى بولسا، دۆلەت ئاساسىي قانۇنىدا دىنىي ئەركىنلىككە دائىر ماددىلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا پىسەنت قالماستىن بۇ قارارنى ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرماقتا.
چىركاۋلارنىڭ ئۆگزىلىرىدىن ۋە مازارلىقلاردىن دىنىي قۇرلۇشلارنىڭ ۋە كىرېستلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى ئۈچۈن 2 ئايلىق مۆھلەت بېرىلدى.
خىتاي مەسئۇللىرى بىنانىڭ ھەجىمىنىڭ 10 دا بىرىگە تەڭ كېلىدىغان چوڭلۇقتا بولۇشى ۋە بىنانىڭ ئالدى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇشى كېرەكلىكىنى شەرت قوشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر