جون كېررى ۋاڭ يى بىلەن يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى زېمىنغا ئىگە بولۇش پىلانلىرىغا خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

315988
جون كېررى ۋاڭ يى بىلەن يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى مالايشىيانىڭ پايتەختى كۇئالا لۇمپۇردا چاقىرىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق ئىتتىپاقى – ASEAN نىڭ 48- نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن رايون خاراكتېرلىك خەۋپسىزلىك مۇنبىرىدە سۆز قىلدى.

جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى زېمىن دەتالاشلىرىغا پائال چارىلەرنىڭ تېپىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن كېررى، دۆلىتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن پات – پات ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ تۇرۇۋاتقان تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاپ قېلىش ئىستەكلىرىگە قوشىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

كېررى، رايوندىكى دېڭىز يولى ۋە بېلىقچىلىق ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى ۋە كېلىشمەسلىكلەرنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن تىنچ ئۇسۇلدا بىتەرەپ قىلىنىشىنى خالايدىغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىلىق بىر ئەمەلدار، كېررىنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېررى خىتاي مەنسەپدېشىغا ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى يىرىكچىلىك ۋە خىتاينىڭ زېمىن قولغا كەلتۈرۈش پائالىيەتلىرى توغرىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزگەن ۋە مەسىلىنىڭ دىپلوماتىك ئۇسۇلدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ تۈنۈگۈن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەمكارلىق ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى زېمىن دەتالاشلىرى مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللانماستىن ئىجابىي پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىنى كۈتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەنىدى.

خىتاي، ئۆتكەن ھەپتە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ھەقىقىي ئوق ئىشلىتىلگەن تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي مانىۋېرىنى ئۆتكۈزگەنىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر