ھىندىستاندا بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

ئالاقىدار مەسئۇللار 50 يىللىق بىنانىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىگە ئالاقىدار ئاگاھلاندۈرۈشلارغا قارىماستىن، ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ بىنانى بوشىتىشنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

314171
ھىندىستاندا بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە بىر بىنانىڭ يېقىلىپ چۈشىشى نەتىجىسىدە دەسلەپكى مەلۇماتلارغا كۆرە، 11 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.
قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى يىقىلغان بىنا ئاستىدىن 7 كىشىنى قۇتقۇزۇپ چىقاردى، 1 كىشى تېخىچە تىپىلمىدى.
ئالاقىدار مەسئۇللار 50 يىللىق بىنانىڭ بىخەتەر ئەمەسلىكىگە ئالاقىدار ئاگاھلاندۈرۈشلارغا قارىماستىن، ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ بىنانى بوشىتىشنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھىندىستاندا بىناكارلىقتا ئۆلچەملىك ماتېرىيال ئىشلىتىش ۋە تەكشۈرۈش بوشلۇقى يۈزىسىدىن پات پات بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر