خىتاي:ASİAN يىغىنىدا دېڭىز دەتالىشى كۈنتەرتىپكە كەلمەسلىكى لازىم

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لىيۇ جېنمىن، بېيجىڭنىڭ كۇئالا لۇمپۇردىكى يىغىندا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

312919
خىتاي:ASİAN يىغىنىدا دېڭىز دەتالىشى كۈنتەرتىپكە كەلمەسلىكى لازىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لىيۇ جېنمىن بۈگۈن (دۈشەنبە) بايانات بېرىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى (ASİAN) يىغىنىدا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىغا دائىر دەتالاشلار ئۈستىدە بەس – مۇنازىرە قىلىشنىڭ كېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

لىيۇ جېنمىن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا ئەللەرنىڭ ئەتە (سەيشەنبە) مالايشىيانىڭ پايتەختى كۇئالا لۇمپۇردا باشلىنىدىغان 48 – نۆۋەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە رويتېرز مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ بۇ سەزگۈر مەسىلىدىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى، شۇنداقلا ئىتتىپاققا ئەزا ئەمەس دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىگە ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.

لىيۇ جېنمىن، «ئۇ مەسىلە بەس – مۇنازىرە قىلىنماسلىقى لازىم. بۇ مۇناسىپ مۇنبەر ئەمەس. بۇ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مۇنبىرى. ئەگەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئەلۋەتتە قارشى چىقىمىز. (ئامېرىكىنىڭ) ئۇنداق قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى مەسىلىسى يىغىننىڭ كۈنتەرتىپ جەدۋىلىدە بولمىسىمۇ، ئېنېرگىيە زاپىسى مول جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دائىر دەتالاش ۋە جىددىيچىلىكلەر تۈپەيلى مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىنماقتا.

بېيجىڭنىڭ رايوندىكى نوپۇزىنى كۈچەيتىش ھەرىكەتلىرىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قىلىپ كېلىۋاتقان دېڭىزدىكى دەتالاشلىق رايونغا سۈنئىي ئارال بەرپا قىلىشنى توختىتىش توغرىسىدىكى چاقىرىقىنى تەكرارلىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى يىغىنغا ھەر ئىككى دۆلەت باشقا بىر قاتار دۆلەتلەر قاتارىدا تەكلىپ قىلىندى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كېررى چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى كۇئالا لۇمپۇردا بولىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر