فىرانسىيەدە كۆچمەنلەر تىراگېدىيەسى يۈز بەردى
فىرانسىيەدە ئەنگلىيەگە ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان كۆچمەنلەرنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈلپەت كەلدى.
311668
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيەدىن ئەنگلىيەگە بارماقچى بولغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ بېشىغا ئېچىنىشلىق تىراگېدىيە كەلدى.
كالې شەھرىدە تەخمىنەن 200 كۆچمەن مانش تۇنېلغا كىرىشكە ئۇرۇندى. «چېگرىنى ئېچىۋېتىڭلار»، «بىز ھايۋان ئەمەسمىز» دەپ شوئار توۋلاشقان كۆچمەنلەر باستۇرۇلدى.
تېخىمۇ ياخشى كۈن كۆرۈش ئۈچۈن ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىرگەن كۆچمەنلەر ئىچىدىن ئەنگلىيەگە ئۆتۈپ كەتكەنلەرمۇ بار.
كالې شەھەرگە چېگرا قۇرغان مىڭلارچە كۆچمەن، ئەنگلىيەگە يېتىپ بېرىش ئۈچۈن پويىز ۋە يۈك ماشىنىلىرىغا چىقىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئىيۇن ئېيىدىن بۇيان 9 كۆچمەن قازا قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.