بىرمادا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ 27 ئادەم قازا قىلدى

بىرمادا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ 27 ئادەم قازا قىلدى، نۇرغۇن ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالدى.

311256
بىرمادا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ 27 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمادا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان شىددەتلىك ھۆل-يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدە 27 ئادەم قازا قىلدى.
14 ئۆلكە كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، بەزى رايونلاردا 4 كۈنلۈك جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.
ئالاقىدار مەسئۇللار بىرمانىڭ شىمالىي ۋە غەربىي رايونلىرىدا مەيدانغا كەلگەن كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبلىك كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئاپەتتە  تەخمىنەن150مىڭ ئادەمنىڭ ئۆي-ماكانسىز قالغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.
شىددەتلىك ھۆل-يېغىننىڭ تەسىرى ئاستىدا قالغان رايونلاردا نۇرغۇن ئۆي، ئىش ئورۇنلىرى سۇ ئاستىدا قالدى.
ئېنېرگىيە ۋە ئۇچۇر-ئالاقە لىنىيەلىرى، يوللار، تۆمۈر يوللار ۋە كۆۋرۈكلەرنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشى نەتىجىسىدە بەزى تۇرالغۇ جايلاردىن خەۋەر ئېلىنالمايۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ھەربىي قىسىملار ۋە ئىنسانىي ياردەم ئەترەتلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا.
بېنگال قولتۇقىدا مەيدانغا كەلگەن بوران-چاپقۇن سەۋەبىدىن ھۆل-يىغىنلارنىڭ كېلەر ھەپتىدىمۇ داۋاملىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر