يەمەننىڭ سۈرگۈندىكى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى قايتىپ كەلدى
ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى شىئە ئىسيانچىلارنى ئاغدرۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن باھاھ يەمەنگە قايتىش قارارى ئالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:يەمەننىڭ سۈرگۈندىكى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خالىد مەھفۇز باھاھ يەمەنگە قايتىپ كەلدى.
باھاھ ئولتۇرغان ئايروپىلان ئەدەننىڭ جەنۇبىي پورتىدىكى ئايرودورۇمغا قوندى.
شىئە ئىسيانچىلار ئەدەنگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن باھاھ، پىرېزىدېنت ئابدۇراببۇ مانسۇر ھادى ۋە باشقا كابېنت ئەزالىرى دۆلەتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا سۈرگۈن بولغان ئىدى.
ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرى شىئە ئىسيانچىلارنى ئاغدرۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن باھاھ يەمەنگە قايتىش قارارى ئالدى.
باھاھ خەلقئارا جامائەتچىلىك تەرىپىدىن مۇئاۋىن باش مىنىستىر دەپ بىلىنىدۇ. ئۇ خېلى مەگىلدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ياشىماقتا ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
مىچوتاكس تۈركىيەگە كېلىدۇ
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كېرىياكوس مىچوتاكىس پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.