خىتاينىڭ سابىق گېنېرالى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

خىتاينىڭ سابىق گېنېرالى گو بوشيوڭ پارا ئالغانلىقى سەۋەبىدىن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

309735
خىتاينىڭ سابىق گېنېرالى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گېنېرال گو بوشيوڭ پارىخورلۇق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كوممۇنىستىك پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى گو بوشيوڭنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، ئۇنىڭ دېلوسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارنى ھەربىي سوتقا تاپشۇرۇشنى قارار قىلغان.
سىياسىي بىيۇرو تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 2002 – يىلدىن 2012 – يىلىغىچە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن 73 ياشلىق گونىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانغانلىقى ۋە پارا ئالغانلىقى قەيت قىلىندى.
خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى 2012 – يىلدىن بۇيان 75 مىليوندىن كۆپ پارتىيە ئەزاسىنى تەكشۈرگەن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2012 – يىلى پارتيە سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى باشلاپ، «چىرىكلىكنى پارتىيەنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تەھدىت» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى. چىرىكلىككە قارشى كۈرەش داۋامىدا، مەركىزىي سىياسىي بىيۇروسىنىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇ يوڭكاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارغا قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر