نېپالدا سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ، 30 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

نېپالنىڭ تاغلىق رايونىدا ياغقان شىددەتلىك ھۆل – يېغىن كەلتۈرۈپ چىقارغان سەل ئاپىتىدە 30 ئادەم ئۆلدى.

308450
نېپالدا سەل ئاپىتى يۈز بېرىپ، 30 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نېپالنىڭ ساياھەت رايونى پوخاراغا يېقىن جايدا يۈز بەرگەن تاغ سىيرىلىپ چۈشۈش ۋەقەسىدە يارىلانغان 18 ئادەمنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقى، 20 دەك ئادەمنىڭ ئىزدېرىكىنىڭ يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئىچىدە 6 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا بىلەن 10 ئايالنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

يوللار بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خادىملىرى سائەتلەپ پىيادە مېڭىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىگە 100 دىن ئارتۇق جامائەت خەۋپسىزلىك خادىمىنىڭ ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر