فەيسبۇك ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانى 1 يېرىم مىلياردقا يېقىنلاشتى

فەيسبۇكنىڭ ئىجادچىسى مارك زۇكېربېرگ، فەيسبۇك ۋە باشقا ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئايلىق ئىشلەتكۈچىلەر سانى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشتى.

307922
فەيسبۇك ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ سانى 1 يېرىم مىلياردقا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىركەتنىڭ يىللىق مالىيە ئىشلىرىغا دائىر ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارنى ئورتاقلاشقان فەيسبۇكنىڭ ئىجادچىسى مارك زۇكېربېرگ، فەيسنىڭ ئەزا سانىنىڭ 1 يېرىم مىلياردقا يېقىنلاشقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

فەيسبۇك دائىرىسىدە ئورۇن ئالغان مۇنبەرلەرنىڭ ئايلىق ئىشلەتكۈچى سانلىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرگەن زۇكېربېرگ، ۋاتىسئاپنىڭ ئايلىق 800 مىليون، مېسېنجېرنىڭ 700 مىليون، ئىنستاگرامنىڭ بولسا، 300 مىليون ئايلىق ئىشلەتكۈچىسى بارلىقىنى ئېلان قىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر