ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىدا جىددىيچىلىك يۈز بەردى

سۈركىلىشكە سەۋەب بولغان نۇرغۇنلىغان كۆچمەن يەھۇدىيلارنى ساقچىلار كۈچ ئىشلىتىپ رايوندىن يىراقلاشتۇردى. يەنە نۇرغۇنلىرى قولغا ئېلىندى.

306417
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىدا جىددىيچىلىك يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يەھۇدىي كۆچمەنلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.
ئىسرائىلىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى راماللاھ ئەتراپىدىكى رادىكال مىللەتچى يەھۇدىيلارنىڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان رايوندا رۇخسەتسىز سىلىنغان بىنالارنىڭ ئۆرۈپ تاشلىنىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ھۆكۈمنامە ئېلان قىلغان ئىدى.
رايوندىكى ئىككى بىنانى بوشىتىش ئەسناسىدا بۇ قارارنامىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆيلىرىدىن چېقىپ كېتىشنى خالىمىغان يوھۇدىيلار ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتتى.
سۈركىلىشكە سەۋەب بولغان نۇرغۇنلىغان كۆچمەن يەھۇدىيلارنى ساقچىلار كۈچ ئىشلىتىپ رايوندىن يىراقلاشتۇردى. يەنە نۇرغۇنلىرى قولغا ئېلىندى.
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ياسالغان يەھۇدىي ئولتۇراق رايونى خەلقارا قانۇندا قانۇسىز ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بۇنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىماي كەلمەكتە.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر