ئاۋسترىيە ئىرقچى سىياسەتچى ۋىلدېرس ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى

ئاۋستىرىيە، گوللاندىيەلىك ئىرقچى سىياسەتچى خىئېرت ۋىلدېرس ئۈستىدىن ‹ئىرقچىلىقنى ئۇلغايتىش› بىلەن ئەيىبلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى.

306311
ئاۋسترىيە ئىرقچى سىياسەتچى ۋىلدېرس ئۈستىدىن تەكشۈرۈش باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلدېرس ئاۋستىرىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىرقچىلىرىدىن خاينز كىرستىيىن شېراخېنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت ۋىيېننادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلىپ، سۆز قىلغانىدى.

ۋىيېننا تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، تەكشۈرۈشنىڭ ۋىلدېرسنىڭ مەزكۇر مۇراسىمدا قىلغان سۆزلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، باشقا تەپسىلاتلارغا ئورۇن بېرىلمىدى.

ۋىلدېرس مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، غەربنىڭ ئىسلام بىلەن ئۇرۇش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

گوللاندىيە ئەدلىيە تارماقلىرىمۇ ئۆتكەن يىلى ۋىلدېرسنى باشقىلارنى چەتكە قېقىش ۋە ئىرقچىلىقنى ئۇلغايتىش بىلەن ئەيىبلەپ، ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر