خىتاي دائىرىلىرى تەيجۇ ئايرودۇرۇمىنى تاقىۋەتتى

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ئايروپىلاندىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دائىرىسىدە، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئاجىزلىقى ئوتتۇرىغا چىققان تەيجۇ ئايرودۇرۇمىنى تاقىۋەتتى.

306677
خىتاي دائىرىلىرى تەيجۇ ئايرودۇرۇمىنى تاقىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيۇسى خەۋىرى: خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ بۈگۈن (چارشەنبە) كى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، دائىرىلەر، دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان تەيجۇ ئايرودۇرومىنى تاقىۋەتكەن. يەكشەنبە كۈنى سەھەر سائەت بىر ئەتراپىدا مەزكۇر ئايرودۇرۇمدىن گۇاڭجۇغا قاراپ ئۇچۇۋاتقان شېنجىن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىدىكى بىر يولۇچى قولىغا، پىچاق، چاقماق ۋە بېنزىن قاتارلىقلارنى ئېلىپ ئايروپىلانغا ئوت قويۇۋېتىشكە ئۇرۇنغان، ھۇجۇمچى يولۇچىلار ۋە ئايروپىلان مۇلازىمەتچىلىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان، ۋەقەدە ئىككى كىشى يارىلانغانىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ھۇجۇمچىنىڭ تەيجۇ ئايرودۇرۇمىدىن ئايروپىلانغا ئېلىپ چىقىلىشى قەتئىي مەنئى قىلىنىدىغان پىچاق، بېنزىن ۋە چاقماق قاتارلىقلارنى ئېلىپ شېنجىن ئاۋىياتسىيە شىركىتى ئايروپىلانىغا ئولتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، مەزكۇر ۋەقە تۈپەيلى تەيجۇ ئايرودۇرۇمىنىڭ ئىككى ئەمەلدارىنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر