ئەسەد ئاجىزلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

سۈرىيەدە بارغانچە ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراۋاتقان ئەسەد ھاكىمىيىتى، زېمىنلارنى قولدىن بېرىپ قويۇشىنى ئەسكەر سانىنىڭ تەڭمۇتەڭ ئازىيىپ كېتىشىگە باغلاپ ئىزاھلىدى.

367939
ئەسەد ئاجىزلىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت بەششار ئەسەد، ئارمىيەنىڭ ئەسكەر تېپىشتا قىينىلىپ قالغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى ئۇرۇش باشلىغان 2011- يىلى مارت ئېيىدا 300 مىڭ بولغان ئەسكەر سانى يېرىم ھەسسە قىسقىراپ كەتتى. بۇنداق بولۇشىدا ئۆلۈپ كېتىش، قېچىش ۋە خەلقنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەسكەرلىككە ئەۋەتمەسلىكى ئاساسلىق رول ئوينايدىكەن.

ھاكىمىيەت كۈچلىرى ئەسكەر يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بىر پەيتتە، PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە قانىتى PYD نىڭ باشلىقى سالىھ مۇسلىم، لوندوندا چىقىدىغان ‹ئەلھايات› گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شەرتلىرىنى قوبۇل قىلغان تەقدىردە سۈرىيە ئارمىيەسىگە قېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەسەد ھاكىمىيىتى 2012- يىلىنىڭ ياز پەسلىدىن بۇيان PYD كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشمايلا قالماستىن، بەزىدە ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارغا قارشى سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن YPG (PYD نىڭ قوراللىق قانىتى) كۈچلىرى بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر