يۈننەندىكى بىر كۆمۈر كاندا نۇرغۇن ئىشچى كانغا قاپسىلىپ قالدى

يۈننەن ئۆلكىسىدە خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر كۆمۈر كاندا ۋەقە يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئىشچى قاپسىلىپ قالدى.

385167
يۈننەندىكى بىر كۆمۈر كاندا نۇرغۇن ئىشچى كانغا قاپسىلىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا ۋەقە يۈز بېرىپ 11 ئىشچى كانغا قاپسىلىپ قالدى.
يەرنىڭ 400 مېتىر چوڭقۇرلۇقىغا قاپسىلىپ قالغان كۆمۈر كان ئىشچىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن رايونغا قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىلدى. 50 كىشىلىك قۇتقۇزۇش ئەترىتى كۆمۈر كانغا كىردى.
قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئاستا بولۇۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. خۇسۇسىيلار ئىگىدارچىلىقىدا بولغان بۇ كۆمۈر كان ئۈستىدە تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىدى. ۋەقەنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق مەلۇمات بېرىلمىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر