خىتاي«دائېشچى» ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈرك دائىرىلىرىگە خەت يازغان

تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى «دائېشچى» ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەدىكى خىتاي شىركەتلىرى ۋە خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، تۈرك دائىرىلىرىگە خەت يازغان.

384331
خىتاي«دائېشچى» ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈرك دائىرىلىرىگە خەت يازغان

تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر تور گېزىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرك دائىرىلىرىگە «دائېشچى» ئۇيغۇرلار توغرىسىدا خەت يېزىپ ئاگاھلاندۇرغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.
مەزكۇر تور گېزىتىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ شانلىئۇرفا ۋىلايىتىنىڭ سۇرۇچ ناھىيەسىدە مەيدانغا كەلگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىنى پۇرسەت بىلىپ، تۈرك دائىرىلىرىگە «دائېشچى» ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەدىن تۈركىيەگە ئۆتۈپ، تۈركىيەدىكى خىتاي شىركەتلىرى، ئورۇنلىرى ۋە خىزمەت قىلىۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقلىرى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئېرىشكەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ خەت ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ھەر تۈرلۈك بېسىملار تۈپەيلى تۈركىيەدە خىتايغا قارشى پەيدا بولغان كۈچلۈك نارازىلىقلارنى بېسىقتۇرۇش، شۇنداقلا تۈرك خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان كۈچلۈك ھېسداشلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئۈچۈن، ھەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى سۇرۇچتا 32 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىمۇ پۇرسەت بىلگەن.
تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تۈركىيە ساقچى باشقارمىسىغا خەت يېزىپ، «دائېشچى» ئۇيغۇرلارغا قارشى تەدبىرلەرنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.
خەتتە مۇنداق دېيىلگەن: «دائېشقا قېتىلغان سۈرىيەدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار تۈركىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن خادىملىرىغا تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاشنى پىلانلىۋاتقانلىقلىرى، شۇڭلاشقا تۈركىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرى، ئەلچىخانىسى، كونسۇلخانىلىرى، شىركەتلىرىگە ئوخشاش ئورۇنلارنى ئۇلارنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن قوغدىلىشى مەقسەت قىلىنغان ئاساستا، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارغا ئەھمىيەت بېرىلىشى ۋە كۈچلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشى....»


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر