ئىتتىپاقداش كۈچلەر دائېشنىڭ بەزى بازىلىرىنى بىتچىت قىلدى

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلەر دائېشنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى بەزى بازىلىرىنى بىتچىت قىلدى.

383080
ئىتتىپاقداش كۈچلەر دائېشنىڭ  بەزى بازىلىرىنى بىتچىت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش قىسىملار تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
دائېشنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى بەزى بازىلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، ئىتتىپاقداش قىسىملار بومباردىمان ۋە يىراقتىن تىزگىنلىنىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى 9 بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان.
ھاسەكە بىلەن راككاغا يېقىن جايلارغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا دائېشنىڭ مەشىق بازىلىرى، ئاپتوموبىللىرى ۋەيران قىلىنغان. كوبانى ئەتراپىدىكى ھۇجۇملاردىمۇ دائېشنىڭ ئاپتوموبىللىرى ۋە مەشىق بازىلىرى بىتچىت قىلىنغان. ئىتتىپاقداش قىسىملار ئىراقتىمۇ 14 قېتىم ھاۋادىن ھۇجۇم ئېلىپ بارغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر