14 ئافغانىستان ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى

ئامېرىكانىڭ ئىككى ھەربىي تىك ئۇچارى ئافغانىستاندىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىنى ئوققا تۇتتى.

382495
14 ئافغانىستان ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تىك ئۇچارلىرىنىڭ بىر ھەربىي بازىنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە، ئەڭ ئاز دېگەندە 14 ئافغانىستان ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ قېتىمقى ۋەقە ئەتىگەندە كابۇلنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان لوگارا ئىشتاتىدا يۈز بەردى.
ئافغانىستان دائىرىلىرى ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئامېرىكا مەسئۇللىرى ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
رايوندا تالىباننىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ، ئافغانىستان ئەسكەرلىرىنىڭ «تالىبانلار» دەپ گۇمان قىلىنغان ھالدا نىشانغا ئېلىنغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر