ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا توقۇنۇشلار داۋام قىلماقتا
12- فېۋرالدا مىنسك شەھىرىدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇشىغا قارىماي، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا توقۇنۇشلار ئىزچىل داۋام قىلماقتا.
382303
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونېتسكى شەھىرىنىڭ ئاھالىلەر رايونلىرى يەنە بومباردىمان قىلىندى. شەھەردىن ئۆزلۈكسىز ھالدا ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
پۇقرالارنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بومباردىمانلار توغرىسىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن رۇسىيە تەرەپدارلىرى بىر – بىرلىرىنى ئەيىبلەشمەكتە. 15 ئايدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1500 دىن ئېشىپ كەتتى.