مېركېل يىغلاتقان پەلەستىنلىك قىز گېرمانىيەدە تۇرالايدىغان بولدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل يىغلاتقان پەلەستىنلىك ياش قىز رىم ساھۋىل، گېرمانىيەدە تۇرۇپ قالسا بولىدىكەن.

382076
مېركېل يىغلاتقان پەلەستىنلىك قىز گېرمانىيەدە تۇرالايدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ماسلاشتۇرۇش ئىشلىرى مىنىستىرى ئايدان ئۆزئوغۇز، مەۋجۇت قانۇننىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، رىمغا ئوخشاش ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىر بالىلار ۋە ياشلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئولتۇراقلىشىش سالاھىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان بىر قانۇن چىقىرىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

ئاۋغۇست ئېيىدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان مەزكۇر قانۇن، تۆت يىل بويىچە ئۇدا گېرمانىيەدە تۇرغان مۇساپىر بالىلار ۋە ياشلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

لىۋاندىكى مۇساپىرلار لاگېرىدىن گېرمانىيەگە بېرىپ ئورۇنلاشقان پەلەستىنلىك ياش قىز رىم ساھۋىل، بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدا مېركېلنى كۆرۈپ، ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغانىدى. ۋاقىتلىق تۇرۇش ئىجازەتنامىسىنىڭ ۋاقتى تۈگەشكە ئاز قالغانلىقى ئۈچۈن، گېرمانىيەدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن رىم، مېركېلدىن ئىجابىي جاۋاب ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن، كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر