پاپا گىرېتسىيەنىڭ «نىسبەتەن ئادىل» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

كاتولىك دۇنياسىنىڭ رەھبىرى پاپا فىرانسېسكو گىرېتسىيەنىڭ نۆۋەتتىىكى ئىقتىسادىي كىرزىستىن بۇرۇنراق قۇتۇلۇشىنى ئارز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

380214
پاپا گىرېتسىيەنىڭ «نىسبەتەن ئادىل» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاپا ياۋرو رايونىنىڭ گىرېتسىيە بىلەن بولغان مەسىلىسىنىڭ بۇرۇنراق ھەل بولۇشىنى تىلەپ، «قەرز تەگسىز ھاڭدۇر» دېدى.
كاتولىك چېركاۋى رەھبىرى پاپا فىرانسېسكو لاتېن ئامېرىكا ساياھىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋاتىكانغا قايتىش ئەسناسىدا، ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ساياھەت ئەسناسىدا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنى تەنقىد قىلىش بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان پاپا، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «نىسبەتەن ئادىل» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
پاپا گىرېتسىيە مەسىلىسىنىڭ بۇرۇنراق ھەل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، قەرزنىڭ تەگسىز ھاڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى گىرېتسىيە بىلەن قەرز كاپالەتچىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدىن سۆيۈنگەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى.
ئاقساراي بۇ كېلىشىمنىڭ گىرېتسىيەنىڭ نۆۋەتتىكى خەتەرلىك ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش يولىدا تاشلانغان قەدەم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. بۇنىڭدىن باشقا، گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكىس چىپراس بىريۇسسېلدىن ئافېناغا قايتقاندىن كېيىن، گىرېتسىيەدە قۇتقۇزۇش پىلانى توغرۇلۇق بەس-مۇنازىرىلەر ئەۋج ئېلىپ كەتتى.
پايتەخت ئافېنىدا سولچىللار گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ماقۇللانغان «قۇتقۇزۇش پىلانى»غا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.
گىرېتسىيە دورىگەرلەر بىرلىكىمۇ دورىگەرلەرنىڭ 24 سائەت ئىش تاشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. دورىگەرلەر قەرز كاپالەتچىلىرى بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ روھىي بويىچە، دوختۇر رېتسىپى تەلەپ قىلمايدىغان دورىلارنىڭ سېتىلىشىنىڭ ئەركىن قويۇۋېتىلىشى ۋە دورىخانا ئېچىش رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر