تىبەتلىك مەشھۇر راھىب رىنپوچ سىچۈەندىكى بىر تۈرمىدە ئۆلدى

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ بۈگۈن (دۈشەنبە) بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان تىبەتلىك مەشھۇر راھىب تېنزىن دېلېك رىنپوچ تۈنۈگۈن (يەكشەنبە) سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ تۈرمىسىدە ئۆلگەن.

379544
تىبەتلىك مەشھۇر راھىب رىنپوچ سىچۈەندىكى بىر تۈرمىدە ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتكەن راھىب تېنزىن دېلېك رىنپوچ بۇ يىل 65 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئۇ خىتايدىكى ئەڭ مەشھۇر سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

رويتېرز خەۋەر ئاگېنتلىقى، راھىبنىڭ ئۆلۈمىنىڭ تىبەت تەۋەلىكىدە ھۆكۈمەتكە قارشى غەزەپنى ئۇلغايتىۋېتىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

راھىب تېنزىن دېلېك «تېررورلۇق جىنايىتى سادىر قىلىش ۋە بۆلگۈنچىلىككە قۇترىتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2002 – يىلى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، ئارىدىن مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۆلۈم جازاسى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق دۆلەت ۋە ئورگانلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

رويتېرز خەۋەر ئاگېنتلىقىغا تېلېفون ئارقىلىق مەلۇمات بەرگەن راھىبنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق تۇغقانلىرىدىن جىيشى نىيما ئىسىملىك بىرى، تۈنۈگۈن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۈنۈگۈن (يەكشەنبە) راھىب تېنزىن دېلېكنىڭ قىز بىر تۇغقانلىرىنى ئۆلۈم خەۋىرىدىن ۋاقىپلاندۇرغانلىقىنى، ئەمما ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

راھىب تېنزىن دېلېكنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى باشلىغان ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى دورجى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «رىنپوچ ئادەتتىكى بىرى ئەمەس ئىدى، ئۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر لىدېر ئىدى... ئۇنىڭ ۋاپاتى ھەممىمىز ئۈچۈن بىر مۇسىبەت بولدى» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر