خ ك ت: خىتاي 52 ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچىنى تۇتتى ياكى سوراق قىلدى

خىتاينىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلىرىدە يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە كەم دېگەندىمۇ 52 ئادۋوكات ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ياكى سوراق قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

379073
خ ك ت: خىتاي 52 ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچىنى تۇتتى ياكى سوراق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە 50 دىن ئارتۇق ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچىنى قولغا ئالغانلىقى ياكى سوراق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

رويتېرز خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتى 2012 – يىلىنىڭ مابەينىدە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش شوئارى ئاستىدا ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەن.

خەۋەردە يەنە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بويان ئۆكتىچىلىك قىلغان ئونلارچە خىتاينى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقى، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىقىدىن شىكايەتچى ئىكەنلىكى ۋە بۇ ئىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەنقىدلىشىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى (خ ك ت) تۈنۈگۈن (شەنبە) بايانات بېرىپ، يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە كەم دېگەندىمۇ 52 ئادۋوكات ۋە پائالىيەتچىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ياكى سوراق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق ئادۋوكات ۋاڭ يۈ ۋە فىڭ رۇي قانۇن مەسلىھەتچىلىكى شىركىتىنىڭ بىر قاتار خادىملىرىمۇ بار ئىكەن. ئىگىلىنىشىچە، فىڭ رۇي شىركىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلھام توختى ۋە 6 ئاي ئىلگىرى قولغا ئېلىنغان گېرمانىيەدىكى بىر گېزىتنىڭ خىزمەتچىسى چېن مىياۋ قاتارلىقلارنىڭ ئاقلاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن تونۇلغانىكەن.

رويتېرز، بۇ قېتىمقى نازارەت ئاستىغا ئېلىش ۋە سوراق قىلىش ھەرىكىتىنىڭ ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇدا بىر قانچە ئاي بويىچە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۇش بىلەن ئەيىبلەپ خەۋەر تارقىتىشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر