سرېبرېنىتسا قۇربانلىرى ئۈچۈن دەرد – ئەلەملىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى

سرېبرېنىتسادا 1995 – يىلى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنلا 8 مىڭ 372 بوشناق سېربلار تەرىپىدىن قەتلە قىلىنغانىدى.

378863
سرېبرېنىتسا قۇربانلىرى ئۈچۈن دەرد – ئەلەملىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، سېربلار 1995 – يىلى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ سرېبرېنىتسا يېزىسىدا يۈرگۈزگەن قەتلىئامدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار مۇراسىملار ئارقىلىق خاتىرىلەندى.
مۇراسىم دائىرىسىدە شۇ قېتىمقى قەتلىئامدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە كىملىكى ئېنىقلاپ چىقىلغان 136 كىشى دەپنە قىلىندى.
سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 20 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرىدىن سىرت يەنە، تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇتئوغلۇمۇ ئىشتىراك قىلدى.
سېربىيەگە ۋەكالىتەن مۇراسىمغا ئىشتىراك قىلغان باش مىنىستىر ئالېكساندار ۋۇچىچ، خاتىرىلەش زالىغا كىرىپ كەلگەن چاغدا خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.
داۋۇتئوغلۇ، مۇراسىمدا سۆزلىگەن نۇتىقىدا، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا ياردەم بېرىش لازىملىقىنى، چۈنكى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا يولغا قويۇلۇۋاتقان تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، چۈنكى بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشىنىڭ، بالقان رايونى، ياۋروپا ۋە پۈتكۈل دۇنيادا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
داۋۇتئوغلۇ، «بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا يولغا قويۇلۇۋاتقان تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش پائالىيەتلىرىنى قوللشىمىز لازىم، چۈنكى بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا تىنچلىقنىڭ ئىشقا ئېشىشى، بالقان رايونى، ياۋروپا ۋە پۈتكۈل دۇنيادا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنالىقلارنىڭ تىنچلىقى پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ تىنچلىقى، ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكى ھەممىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.
قۇربانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىنى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ھەمىشە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا، سرېبرېنىتسا ۋە پۈتكۈل سرېبرېنىتسا ئاھالىسىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
داۋۇتئوغلۇ، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ نۆۋەتتە ئوخشىمىغان ئېتنىك ۋە مەدەنىيەتلەرگە ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ۋەزىپىمىز بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەلەرنى ئۇنتۇماسلىك، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەپرەت كۈلتۈرى ياكى ئىنتىقام كۈلتۈرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.»
مۇراسىمدىن كېيىن TRT قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، سېربىيە باش مىنىستىرى ئالېكساندار ۋۇچىچنىڭ خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىشى ھەققىدە توختالدى. داۋۇتئوغلۇ، «دۆلەت ئەربابلىرى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشلىرى لازىم. ھەرقانداق بىر ۋىجداننىڭ بۇنداق قەتلىئامنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەلقنىڭ نارازىلىق بىلدۈرۈشى نورمال ئەھۋال» دېدى.
136 قۇربان بىلەن بىرلىكتە، پوتوچارى خاتىرە قەبرىستانلىقىدا دەپنە قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قۇربانلىرىنىڭ سانى 6 مىڭ 377 كە يەتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر