قاھىرەدە ئىتالىيە كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەردى

ئىتالىيەنىڭ مىسىرنىڭ پايتەختى قاھەرىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ئەتراپىدىكى ئىتالىيە مەدەنىيەت مەركىزىدە قاتتىق پارتلاش يۈز بەردى.

378960
قاھىرەدە ئىتالىيە كونسۇلخانىسى ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1 كىشى ئۆلدى، 7 كىشى يارىلاندى.
پارتلاشنىڭ تەسىرىدە ئىتالىيە مەدەنىيەت مەركىزى بىلەن كونسۇلخانا بىناسىدىن سىرت يەنە، ئەتراپتىكى بىنالارمۇ زىيانغا ئۇچرىدى.
خىزمەتچى خادىملىرى يارىلانماستىن قۇتۇلۇپ قالغان ھۇجۇمدىن كېيىن، كونسۇلخانا تاقالدى.
ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھۇجۇم نىشانىنىڭ ئىتالىيە كونسۇلخانىسىمۇ ياكى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ئاپتوموبىلمۇ تېخىچە ئېنىقلاپ چىقىلالمىغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر