خىتايدا تەيفۇن بورىنى ئاپىتى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرىدۇ

خىتاينىڭ شەرقىي ساھىللىرىغا ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن يېتىپ كەلگەن «چان ھوم تەيفۇن بورىنى» ئاپىتى سەۋەبىدىن 865 مىڭ كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەپ كېتىلدى.

378876
خىتايدا تەيفۇن بورىنى ئاپىتى يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا تەيفۇن بورىنى سىگنالى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىرىلدى.

خىتاينىڭ شەرقىي ساھىللىرىغا ئىنتايىن يۇقىرى سۈرئەت بىلەن يېتىپ كەلگەن «چان ھوم تەيفۇن بورىنى» ئاپىتى سەۋەبىدىن 865 مىڭ كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكەپ كېتىلدى. 20 مىڭ بىلىقچى كېمىسىمۇ دەرھال پورتقا چاقىرىپ كېلىندى.
شىخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، «چان ھوم تەيفۇن بورىنى» جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ساھىللىرىغا پەۋقۇلئاددە يۇقىرى سۈرئەت بىلەن يېتىپ كەلگەن.
خىتاينىڭ شەرقىي ساھىلىغا جايلاشقان شاڭخەيدىمۇ تايفۇن بورىنى سىگنالى چېلىندى. خىتاينىڭ پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ئېلان قىلغان قىزىل سىگنال سەۋەبىدىن ئۇرۇش دەۋرىنى ئەسكە سالىدىغان دەرجىدە جىددىي بىخەتەرلىك ھالەت شەكىللەندى ۋە ئەڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلدى.
خىتاي ئارمىيەسى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە سەھىيە ئەترەتلىرىگە ئايلاندى. دۆلەت مىقياسىدا قاتناشمۇ پالەج ھالغا چۈشۈپ قالدى. ئايروپىلان پويىز ۋە پاراخوت قاتناشلىرى توختىلدى. ئاپتوبۇس قاتناشلىرىمۇ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى.
تەيفۇن بورىنى ئەتراپتىكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى.
ياپونىيەنىڭ كىيودو ئارىلىدا 20 كىشى يارىدار بولدى. تەيۋان ۋە فىلىپپىندىمۇ ماددىي زىيانلار كۆرۈلدى.
تېخى ئىككى كۈن ئىلگىرى «لىنفا تەيفۇت بورىنى» ئاپىتى خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى گۇئاڭدوڭ ئۆلكىسىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن ۋە رايوندا 31 مىڭدىن ئارتۇق كىشى بىخەتەر جايلارغا يۆتكىۋېتىلگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر