ۋېنگىرىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى سىم توساق ياساپ چىقتى

ۋېنگىرىيە پارلامېنتى قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى سىم توساق ياساپ چىقىشنى مەزمۇن قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.

335553
ۋېنگىرىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى سىم توساق ياساپ چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيە پارلامېنتى سىربىيە چېگرىسىغا سىم توساق ياساشنى مەزمۇن قىلغان تەكلىپ لايىھەنى ماقۇللىدى.
ۋېنگىرىيە-سىربىيە چېگرىسىنىڭ ھەممە تەرىپىگە ياساپ چىقىلىدىغان سىم توساقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 175 كىلومېتىر، ئېگىزلىكى 4 مېتىر كېلىدۇ. بۇ سىم توساقلار بىلەن ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە ئىراقتىن كېلىدىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئۆتۈشىگىمۇ توسالغۇ بولغىلى بولىدۇ.
مەزكۇر قانۇن تەكلىپى ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن چەتئەللىكلەرگە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىنىۋاتقان ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننىڭ تەلىپىگە بىنائەن تەييارلاندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، بۇ پىلاننىڭ كۆچمەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر