تايلاندتا زور مىقداردا قانۇنسىز پىل چىشى قولغا چۈشۈرۈلدى

تايلاند دائىرىلىرى، دۆلەت تەۋەلىكىگە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ئېلىپ كېرىلگەندىن كېيىن، ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئېلىپ مېڭىلىش ئالدىدا تۇرغان زور مىقداردىكى پىل چىشىنى قولغا چۈشۈردى.

334233
تايلاندتا زور مىقداردا قانۇنسىز پىل چىشى قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تايلاند دائىرىلىرى، پايتەخت باڭكوكتا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق دۆلەت تەۋەلىكىگە ئېلىپ كىرىلگەن 200 كىلوگرام ئەتكەس پىل چىشىنى قولغا چۈشۈردى.

ئومۇمىي قىممىتى 295 مىڭ دوللارغا يېتىدىغان 130 پىلنىڭ چىشى لائوسقا ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئەسنادا باڭكوك ئايرودۇرۇمىدا قولغا چۈشتى. تاموژنا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمەلدارلىرى، ۋەقەنىڭ بىر مەلۇم قىلىش تېلېفونى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر