خىتاينىڭ زۇلىمى فىرانسىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كەلدى

فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» تېمىلىق كونفېرانستا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.

332210
خىتاينىڭ زۇلىمى فىرانسىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارغا قاراتقان زۇلىمى فىرانسىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كەلدى.
فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» تېمىلىق كونفېرانستا ئۇيغۇر مەسلىسى مۇزاكىرە قىلىندى.
ياۋروپا كېڭىشىنىڭ ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى سېناتور ئاندىرە گاتىلىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن كونفېرانسقا فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر تۈركلىرى بىلەن بىرگە خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان تىبەتلىك ۋە ۋېتناملىق كىشلەرمۇ قاتناشتى.
ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر خەلقىگە يۈزگىزىلىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان پارلامېنت ئەزاسى ئاندىرە گاتىلىن، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا شۇنداقلا ئىنسانلانىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكلىرىگە ھۆرمەت كۆرسىتېشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر