خىتاي ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈركىيەدىن ئىزاھات تەلەپ قىلدى

خىتاي تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلدۈرگەن نارازىلىقىدىن ئىنتايىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

328524
خىتاي ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈركىيەدىن ئىزاھات تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيجىك دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە باشقا دىنى ئىبادەتلىرىگە چەكلىمە قويۇلغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە تۈركىيەنىڭ قايتۇرغان نارازىلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە چىققان خەۋەرلەرگە دائىر ئەندىشىسىنى خىتاينىڭ ئەنقەرە ئەلچىخانىسىغا بىلدۈرگەنلىكىگە قارىتا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئىزاھات تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتىن ئەندىشە ھېس قىلغانلىقىمىزنى تىلغا ئالدۇق» دېدى.
خىتاي باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئەلۋەتتە، تۈركىيە تەرەپنىڭ خىتاي بىلەن بىر ئوتتۇرا نۇقتىدا بىردەكلىككە كېلىدىغانلىقىنى ۋە مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
تۈركىيە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە باشقا ئىبادەت پائالىيەتلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرگە دائىر خەۋەرلەردىن قاتتىق ئازابلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئۇيغۇر ئېلىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە باشقا ئىبادەت پائالىيەتلىرىگە قويۇلغان چەكلىمىلەرگە دائىر خەۋەرلەردىن تۈركىيە خەلقىنىڭ قاتتىق ئازابلانغانلىقى ۋە خەۋەرلەرگە دائىر تۈركىيەنىڭ چوڭقۇر ئەندىشىسىنىڭ خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە يەتكۈزۈلگەنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى.
باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە، مۇقىملىقىغا، خاتىرجەملىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ۋە تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تىشكىلاتلارمۇ روزا تۇتۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە قارىتا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە رۇزا تۇتۇش چەكلىمىسىگە رىئايە قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ تۈركىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان شەھەرلىرىدە غايىبانە مېيىت نامىزى ئوقۇلغان ئىدى.
خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا رامىزان ئېيى بويىچە مەمۇر، ئىشچى، كادىر، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى مەنئى قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنغان ۋە خىتايدا ئالدىنقى يىلى ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان تېررولۇققا قارشى كۈرەش قانۇنى دائىرىسىدە، ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ دائىرىلىك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان بولۇپ، خەلقئارالىق كۆزەتكۈچى ئورگانلار ۋە چەت ئەللىك ئاخباراتچىلارمۇ ئۇيغۇر رايونىدا ئەركىن پائالىيەت قىلالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر