ئايروپىلان قازاسىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 141 گە يەتتى
ھىندونېزىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى مېداندا تۈنۈگۈن بىر ھەربىي ئايروپىلاننىڭ ئاھالىلەر رايونىغا چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 141 گە يەتتى.
327759
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئايروپىلاندىكى 12 مۇلازىمەتچى بىلەن 122 يولۇچىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئايروپىلانى قازاسى، قۇرۇقلۇقتىمۇ 19 ئادەمنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر ئايروپىلانى قوزغىلىپ بىر قانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن موتورى پارتلاپ كېتىپ، بىر ئوت توپى ھالىتىدە ئاھالىلەر رايونىغا چۈشتى ۋە ئۇ جايدىكى بىنا ۋە ئاپتوموبىللارنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتتى.
ھېركۈل تىپلىق 1964 – يىلى ئىشلەنگەن ھەربىي ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كېتىشىگە موتورىدا كۆرۈلگەن كاشىلا سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا.