تۇنىستىكى ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىغا نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە

تۇنىستا نۇرغۇن ئادەم تېررورلۇق ھۇجۇملىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

322871
تۇنىستىكى ئادەم بومبا ھۇجۇملىرىغا نارازىلىقلار كۈچەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىسنىڭ سۇسا شەھىرىگە يىغىلغان يۈزلەرچە ئادەم، شەھەردىكى بىر مېھمانخانىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتى.
شەھەر مەركىزىگە يىغىلغان نامايىشچىلار بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئەل مەسار پارتىيەسى باشلىقى سەمىر بۇ تاييىب نامايىش ئەسناسىدا بايانات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ نامايىش تۇنىسلىقلارنىڭ ئىلگىرى تۇنىستا كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ پالاكەتكە قارشى بىلدۈرگەن نەپرىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. پۈتكۈل تۇنىسلىقلار تېررورىزمغا ۋە رادىكاللىققا قارشىدۇر.»
نامايىشچىلار شەھەر مەركىزىدىن ۋەقە يۈز بەرگەن يەرگىچە مېڭىپ، ۋەقەدە قازا قىلغانلار ئۈچۈن شام يېقىپ كۈل قالدۇرۇشتى.
تۇنىسنىڭ سۇسا شەھىرىدىكى بىر مېھمانخانىغا ئۆتكەن جۈمە كۈنى قىلىنغان ھۇجۇمدا، 39 كىشى ئۆلگەن، 38 كىشى يارىلانغانىدى، ۋەقەنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۈستىگە ئالغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر