پاكىستاندا ئىسسىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1233گە يەتتى

پاكىستاندا ئىسسىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 1233گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

322740
پاكىستاندا ئىسسىقتىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1233گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا ھەددىن زىيادە ئىسسىق سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1233گە يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تېمپېراتۇرا تەدرىجىي تۆۋەنلەشكەن باشلىدى، 45 گىرادۇستىن 34 گىرادۇسقا چۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى. ب بىراق كاراچى شەھىرىدە ئىسسىق ھاۋا سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى بارغانچە ئاشماقتا.
دوختۇرخانىلار ۋە جەسەت ساقلاش مەركەزلىرىدە ئورۇن قالمىغانلىقتىن بىمارلار زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. تەخمىنەن 80مىڭ كىشى تېمپېراتۇرىنىڭ ئىسسىقلىقى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىلاردا داۋالاندى.
ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ بۇنچىلىك كۆپ بولۇشىدا توكنىڭ كۈندە 14 سائەت بولماسلىقى، شۇنداقلا سۇنىڭ پات-پات توختىتىۋېلىشى قاتارلىق ئامىللار رول ئوينايدۇ.
پاكىستاننىڭ قوشنىسى بولغان ھىندىستاندا ئۆتكەن ئاي ئىسسىق ھاۋا سەۋەبىدىن 2000دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر