تۇنىستا ساياھەتچىلەر تۇرۇۋاتقان بىر مېھمانساراي ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
تۇنىستا ساياھەتچىلەر تۇرۇۋاتقان بىر مېھمانساراي قوراللىق زاراۋانلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
321353
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر يىلى مىڭلارچە ساياھەتچى كېلىدىغان سۇسا شەھىرىدە ساھىلدىكى بىر مېھمانسارايدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 27 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ھۇجۇمدىن كېيىن رايونغا يېتىپ كەلگەن دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تېررورىستلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن، رايوندا توقۇنۇشلار ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، توقۇنۇش جەريانىدا بىر تېررورىست ئۆلگەن.