خىتايدا بىر بىناغا ئوت كەتتى

خىتايدا بىر ئائىلىلىكلەر بىناسىغا ئوت كېتىپ، 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

320553
خىتايدا بىر بىناغا ئوت كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ جىڭجۇ شەھىرىدىكى يەتتە قەۋەتلىك بىر بىناغا ئوت كەتكەن. ۋەقەدە 13 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، تۆت كىشى يارىلانغان. ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېلىنغان.
دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، ئوتنىڭ ئېلېكتىر سائىتىدىن پەيدا بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقى قەيت قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر