يەمەندە ھۇسىيلارغا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

يەنە بىر تەرەپتىن ھۇسىيلار تائىز شەھىرىدە بەزى مەھەللىلەرگە راكىتامىيوتلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 25 كىشى يارىدار بولدى.

316333
يەمەندە ھۇسىيلارغا قارشى ھاۋا ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە قىسىم يەمەننىڭ ھۇدەيدە شەھىرىدىكى ھەربىي ئايرودورۇم ۋە ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش بازىسىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇم نەتىجىسىدە قاتتىق پارتلاش ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. ھەربىي ئايرودورۇمنىڭ يېنىدىكى خەلق ئايرودورومى تىرانسپورت بۆلىمىگە ئۆت كەتتى.
ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ يەنە بىر ھۇجۇمىدا بولسا، ھۇدەيدەنىڭ ئەد داھى رايونىدىكى ھۇسىيلارغا تەۋە ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتىنىڭ توپلىنىش مەركىزى بولغان جەببانە لاگېرى نىشان قىلىندى.
ھۇسىيلارغا تەۋە ئەل مەسىرا تېلېۋىزىيەسىدە بولسا، ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ھەر ئىككى ھۇجۇمىنىڭ قىزىل دېڭىز بۇغداي ۋە ئۇن ئامبىرىنى نىشان قىلغانلىقى ھەمدە ۋەقەدە بىر ئىشچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن ھۇسىيلار تائىز شەھىرىدە بەزى مەھەللىلەرگە راكىتامىيۇتلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى، ھۇجۇمدا 3 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ 25 كىشى يارىدار بولدى.
ئەدەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئىنما شەھىرىدىمۇ راكىتامىيۇتلار بىلەن قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئايال ۋە 3 كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ھۇسىيلار نورمالدا ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلار ئۇچمايدىغان ۋاقىتلارغا، يەنى ئىپتار ياكى زولۇق يەيدىغان ۋاقىتلارغا ئۇدۇللاپ ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
ھۇسىيلارنىڭ يەمەندىكى ئىلگىرىلەشلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدا 26 - مارت كۈنى «قەتئىيلىك بورىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت باشلانغان ئىدى.
يەمەندە پىرېزىدېنت ھادى مەنسۇرنىڭ ۋەقەگە مۇداخىلە قىلىش چاقىرىقىغا ئاساسەن ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيەسى تەرىپىدىن باشلانغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ 21 – ئاپرىلدا ئاخىرلاشقانلىقى ئېلان قىلىنغان ۋە يەمەن خەلقى ئۈچۈن بۇنىڭدىن كېيىن «ئۈمىدكە قايتىش» ھەرىكىتى باشلىنىدىغانلىقى جاكارلانغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر