پاكىستاندا ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى نۇرغۇن جانغا زامىن بولدى

يېقىنقى 4 كۈندىن بۇيان پاكىستاندا ھاۋا ھەددىن زىيادە نەملىشىپ كەتتى ۋە ئىسسىقلىق 45 سىلسىيە گىرادۇسقا چىقتى.

316316
پاكىستاندا ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى نۇرغۇن جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:پاكىستاندا ھاۋا ھەددىدىن زىيادە ئىسسىپ كەتكەنلىكى تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 900 غا يەتتى.
ئىسسىقنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان 500 كىشى بالنېستقا ئېلىندى.
يېقىنقى 4 كۈندىن بۇيان ھاۋا ھەددىن زىيادە نەملىشىپ كەتتى ۋە ئىسسىقلىق 45 سىلسىيە گىرادۇسقا چىقتى.
كاراچى شەھىرى ۋە ئەتراپىدا ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى تۈپەيلى ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا.
شەھەردىكى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ جەسەت ساقلاش بۆلۈملىرى تولۇپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
لاھۇر شەھىرىدىمۇ 1000 دىن ئارتۇق كىچىك بالا ھاۋانىڭ ئىسسىقىلىقى تۈپەيلىدىن بەدەندە سۇ نىسبىتىنىڭ ئازلاپ كېتىشى، ئاشقازان قاتارلىق كىسەللىكلەر بىلەن بالنېستقا ئېلىندى. بۇ بالىلاردىن 450 نەپىرىنىڭ ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر.
پاكىستاننىڭ قوشنىسى ھىندىستاندىمۇ ئالدىنقى ئاي ھاۋا ئىسسىپ كېتىشى تۈپەيلىدىن 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر