بوكو ھارام تەشكىلاتى ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

بوكو ھارام تەشكىلاتى نىگېرىيەنىڭ يوبە ۋە بورنو ئىشتاتىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى قىلىپ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

316270
بوكو ھارام تەشكىلاتى ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيەدە بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ يوبە ۋە بورنو ئىشتاتلىرىدا پەيدا قىلغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە، 35 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. يوبە ئىشتاتىدا بازار مەركىزىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى. ۋەقەدە 15 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. بورنو ئىشتاتىدىكى بىر يېزىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە بولسا، 20 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. 22 – ئىيۇن بورنو ئىشتاتىنىڭ مەركىزىي مايدۇگۇرىدە يۈز بەرگەن ئىككى ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا، ھۇجۇمچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالدىكى بورنو، ئاداماۋا ۋە يوبە ئىشتاتلىرىدا قىلغان ھۇجۇملىرىدا، يېقىنقى ئالتە يىلدا ئونىمڭلارچە ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلدى، مىليونلارچە ئادەم يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر