مېكسىكىدا كوللېكتىپ مازار تېپىلدى

ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن تەكشۈرۈشنى باشلىغان ساقچىلار، كوللېكتىپ مازاردىن 3 ئايال ۋە 7 ئەرنىڭ جەسەتلىرىنى تېپىپ چىقتى.

314888
مېكسىكىدا كوللېكتىپ مازار تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:مېكسىكىنىڭ ساياھەت شەھىرى ئاكاپۇلكودا كوللېكتىپ مازار تېپىلدى.
شەھەرنىڭ ئولىمپىكا رايونىدا تېپىلغان كوللېكتىپ مازاردىن 10 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى.
ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرنىڭ خەۋەر قىلىشى بىلەن تەكشۈرۈشنى باشلىغان ساقچىلار، كوللېكتىپ مازاردىن 3 ئايال ۋە 7 ئەرنىڭ جەسەتلىرىنى تېپىپ چىقتى.
ساقچىلار زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ بۇ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ توپلاپ كۆمۈۋەتكەن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
جەسەتلەرنىڭ كىملىكلىرى ۋە ياشلىرى ھەققىدە مۇلۇمات بېرىلمىدى، مۇتەخەسسىلەرنىڭ جەسەتلەرنى تەكشۈرىۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.
مېكسىكىدا بۇ خىل كوللېكتىپ مازارلىقلار پات - پات ئۇچراپ تۇرىدۇ.
ئۆتكەن يىلى ئىگولا شەھىرىدە 43 ئوقۇغۇچى ئىز – دېرەكسىز يوقۇلۇپ كەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن كوللېكتىپ ھالدا كۆمۈۋىتىلگەن بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، تېخىچە ئاقىۋەتلىرى نامەلۇم.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر