خىتاينىڭ «ئىت يىيىش فېستىۋالى»غا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

خىتاينىڭ «ئىت يىيىش فېستىۋالى» نامى بىلەن ئىتلارنى قەتلىئام قىلىشىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمىغان يۈزلەرچە ھايۋان سۆيەرلەر خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزدى.

315180
خىتاينىڭ «ئىت يىيىش فېستىۋالى»غا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلدا خىتاينىڭ «ئىت يىيىش فېستىۋالى»غا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.
ھايۋاناتلار ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى(HAYTAP) ئەزالىرى، خىتاينىڭ «ئىت يىيىش فېستىۋالى»غا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 22 – ئىيۇن ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا بىر يەرگە جەم بولدى.
ئىنگىلزچە «Stop China» دەپ ئۈنلۈك شوئارلارنى توۋلىدى. خىتاينىڭ ھايۋاناتلار ۋە ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ، خېلى ئۇزۇنغىچە شوئارلارنى توۋلىغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن بۇ ناھەقچىلىككە قارشى ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلىگەن مەكتۇپلىرىنى بىر ساندۇقنىڭ ئىچىگە سېلىپ، خىتاي كونسۇلخانىسى ئىشكىنىڭ ئالدىغا قويدى.
ھايۋاناتلار ھەق – ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيەتلىرى فېدېراتسىيەسى(HAYTAP) نامىدىن بايانات ئېلان قىلغان ئادۋوكات ئەھمەت كامال سۆز قىلىپ: «بۇ يەرگە توپلىنىشتىكى مەقسىتىمىز، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يالغوز ھايۋاناتلارغىلا ئەمەس، بەلكى تەبىئەتكە، مۇھىتقا ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارشى ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. يالغۇز بىر قانچە كۈنلا ئەمەس بەلكى 365 كۈننىڭ ھەممىسىدە خىتاينىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرى ۋە رايونلىرىدا توختاۋسىز داۋاملىشىۋاتقان ئىت - مۈشۈكتىن تارتىپ، ھەتتا كىچىك بالىلارغىچە قىلىنىۋاتقان ۋەھشىيلەرچە زۇلۇملارغا سۇكۈت قىلالمايمىز. تەبىئەتنىڭ رەھىمسىزلەرچە تالان - تاراج قىلىنىشىغا، مۇھىتنىڭ قارىغۇلارچە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغۇنىشىغا، ئىشغالىيەتلەرنىڭ داۋاملىشىشىغا قارشى بۇ يەرگە توپلاندۇق. ئۇ چارىسىز جانلىقلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ ئادۋوكاتى يوق، ئۇلارنى قوغدىيالايدىغان ئادەملىرىمۇ يوق. بىز بۇ يەردە شۇنىمۇ ئالاھىدە بىلدۈرۈپ ئۆتمەكچىمىزكى، بىزنىڭ قانداقتۇر خىتاي خەلقىگە قارشى بىرەر ئۆچمەنلىكىمىز يوق. خىتايدىمۇ ھايۋاناتلار ھەق – ھوقۇقىنى قوغدۇغۇچىلار بار. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئەپسۇسكى، ئۇلارنى ئىزىپ، ئۇلارنىمۇ بېسىپ ئۆتۈپ، ئۆز دۆلەتلىرىدە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويماقتا. ھايۋانلارنىڭ تىرىك ھالدا قاينىتىلىشى، تىرىك ھالدا تېرىلىرىنىڭ سويۇلىشى، ئىنسانلارنىڭ ۋەھشىلەرچە ئۆلتۈرۈلىشى، ھەتتا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشىلىتىشلىرىگە قارشى سادايىمىزنى ياڭرىتىش ئۈچۈن بىزلەر بۈگۈن بۇ يەرگە توپلاشتۇق. تۈركىيەدىكى ھايۋاناتلار ھەق - ھوقۇقىنى قوغدىغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ بارلىق قىلمىشلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز ۋە بۇ ناھەقچىلىكلەرنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمىز» دېدى.
نامايىشچىلار نامايىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىن تىنچ ھالدا تارقىلىپ كەتتى.

ئىجتىمائىي تارتقۇلاردا، بۇ يىل خىتاينىڭ «ئىت يىيىش فېستىۋالى»غا قارشى ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيە... قاتارلىق نۇغۇنلىغان دۆلەتلەردە كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ نامايىشلارغا پىسەنت قىلماستىن، فېستىۋالنى داۋاملاشتۇرغانلىقى ۋە ھازىرغا قەدەر ئاز دېگەندىمۇ 40 مىڭدىن ئارتۇق ئىتنىڭ ۋەھشىيلەرچە قېيىن - قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلى بىلدۈرۈلمەكتە.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر