فىرانسىيەلىك ئەسكەرلەر ئافرىقلىق بالىلارنى دەپسەندە قىلدى

فىرانسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئافرىقىدا بالىلارنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن گوللاپ دەپسەندە قىلغانلىقلىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.

315684
فىرانسىيەلىك ئەسكەرلەر ئافرىقلىق بالىلارنى دەپسەندە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى فىرانسىيەلىك ئەسكەرلەرنىڭ ئافرىقىدا «بالىلارنى دەپسەندە قىلغانلىقى»دائىر قاراشلارنى تەكشۈرۈپ چىقىش مەقسىتىدە تەكشۈرۈش ھەيئىتى تەشكىللىدى.
بۇ يىل ئىيۇل ئېيىدا ۋەزىپە باشلايدىغان ھەيئەت 10 ھەپتە ئىچىدە تەكلىپ-پىكىر ۋە كۆزىتىش نەتىجىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دوكلاتنى ب د ت باش كاتىپىغا تەقدىم قىلىدۇ.
ئارقىدىن تەييارلىنىدىغان دوكلات ئېلان قىلىنىدۇ. ھەيئەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پۈتكۈل ھۆججەت ۋە ئارخىپلىرىنى كۆرۈپ چىقىدۇ، ئارقىدىن ب د ت نىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى تەرىپىدىن ئاشكارىلىۋېتىلگەن ھۆججەتلەردە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان فىرانسىيەنىڭ تىنچلىق قىسىملىرىنىڭ بالىلارنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن گوللاپ، دەپسەندە قىلغانلىقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارمۇ ئورۇن ئالغان.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولسا زىممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلەنگەنىدى. بۇ ھادىسە ئۈستىدە فىرانسىيەدىمۇ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر