دائېش سۈرىيەدە ھەربىي بازىسىنى تارتقۇزۇپ قويدى

كورد قوراللىق كۈچلىرى دائېشنىڭ راككا شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي بازىسىنى تارتىۋالدى.

315077
 دائېش سۈرىيەدە ھەربىي بازىسىنى تارتقۇزۇپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى كورد قوراللىق كۈچلىرى دائېشقا قارشى ئىلگىرىلەشنى داۋملاشتۇرماقتا.
كورد قوراللىق كۈچلىرى دائېشنىڭ راككا شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي بازىسىنى تارتىۋالدى.
بۇ ئارىلىقتا دائېش سۈرىيەدە كونتورللۇقىنى ئالقىنىغا كىرىگۈزۈۋالغان ئانتىك شەھەر پالمىرانى پارتىلىتىش ئۈچۈن پارلاتقۇچ كۆمدى.
دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈگەن ۋە ئالدىنقى ئاي دائېشنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتكەن پالمىرا شەھىرىنى تېررورلۇق تەشكلاتىنىڭ پۈتۈتەنلەي پارتلاتماقچى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
دائېش سۈرىيەنىڭ شىمالىغا بارىدىغان نېفىت يولىنىمۇ ئۈزۈپ تاشلىدى. تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ھەلەبتە نېفىت توشۇغۇچى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆتىشىگە يول قويمىدى.
يەنە بىر تەرەپتە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، 2012 – يىلى لىۋىيەنىڭ بىنغازى شەھىرىدە ئامېرىكا كونسۇلخانىسغا قىلغان ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر نەپەر دائېش ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى، 2012 – يىلى ئامېرىكىنىڭ لىۋىيە باش ئەلچىسى ۋە 3 نەپەر ئەلچىخانا خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان بىنغازى كونسۇلخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقى بار، تۇنىس پۇخراسى ئەلى ئاۋنى ئەل خارىزىنىڭ ئالدىنقى ھەپتە مۇسۇلدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن بەششار ئەسەد قىسىملىرىغا تەۋە تىك ئۇچار ئايروپىلانلارنىڭ ھەلەبتە قوزغىلاچىلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى سائاد ئەل ئەنسارى جامىسىگە ۋارىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقى ۋە ھۇجۇمدا 15 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر