تالىبانلار ئافغانىستان پارلامېنتىغا ھۇجۇم قىلدى

ئافغانىستان پايتەختى كابۇلنىڭ ئەڭ ياخشى قوغدىلىۋاتقان رايونى پارتلاشلار بىلەن زىلزىلىگە كەلدى.

313731
تالىبانلار ئافغانىستان پارلامېنتىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پارلامېنتىغا يەتتە تالىبان ئەزاسى ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئادەمبومبا بار. تەخمىنەن ئىككى سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشتا، ئادەمبومبا ئۆزىنى پارتلاتتى، قالغان ئالتە تالىبان ئەزاسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى ھۇجۇم، ئافغانىستان دۆلەت تېلېۋىزىيەسى پارلامېنتتىكى يىغىننى نەق مەيداندىن تارقىتىۋاتقاندا يۈز بەردى.
ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مەسۇم ستانېكزاي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن پارلامېنتقا كەلگەندە ئارقا – ئارقىدىن پارتلاشلار مەيدانغا كەلدى. تالىبانلار ئالدى بىلەن، پارلامېنتقا ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى، ئارقىدىن ئالتە تالىبان ئەزاسى ئامانلىق قوغدىغۇچىلارغا ئوق چىقىرىپ، پارلامېنتقا كىرىشكە ئۇرۇندى. بۇ ۋاقىتتا، پارلامېنت بىناسىنىڭ ئەينەكلىرى چېقىلدى، پارلامېنت ئەزالىرى پاتپاراقچىلىقتا بىنادىن چىقىپ كەتتى.
چىققان توقۇنۇشتا، 25 ئادەم يارىلاندى. بەزى پۇقرالار ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى، ئەمما بۇ ھەقتە ئېنىڭ مەلۇمات بېرىلمىدى. ئافغانىستان ئارمىيەسى يېقىنقى كۈنلەردە شىمالدا تالىبان ۋە ئەل قائىدە نۇقتىلىرىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى كۆپەيتكەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر