پاكىستاندا تومۇز ئىسسىق يۈزلەرچە جانغا زامىن بولدى

پاكىستاندا تومۇز ئىسسىق سەۋەبىدىن 122 ئادەم قازا قىلدى.

313700
پاكىستاندا تومۇز ئىسسىق يۈزلەرچە جانغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان مىقياسىدا تېمپېراتۇرىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 122گە يەتتى. مۇسون يامغۇرلىرىدىن ئىلگىرى پاكىستاننىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا نەم بىلەن بىرلىكتە 45 گىرادۇسقىچە ئۆرلىدى.
پاكىستاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان پورت شەھىرى كاراچى بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چۆللۈك رايون تارپاركار، سىببى ۋە شەكخۇپۇرادا جۈمە كۈنىدىن ھازىرغىچە 122 ئادەم قازا قىلدى.
ئىسسق ھاۋا دولقۇنى سەۋەبىدىن توك توختاپ كېتىش ۋە سۇ يېتىشمەسلىك ھادىسىسى كېلىپ چىققان رايونلاردا كۈندىلىك تۇرمۇش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.
ئۆتكەن ئاي پاكىستاننىڭ قوشنىسى بولغان ھىندىستاندا تېمپېراتۇرىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن 1400 كىشى قازا قىلغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر