مىسىر ئىسىرائىلىيەگە باش ئەلچى تەيىنلىدى
مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەسسىسى ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئىسىرائىلىيەگە باش ئەلچى تەيىنلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتى ئەسسىسى مىسىرنىڭ تېل ئاۋىۋ ئەلچىخانىسىغا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەر ياردەمچىسى ھازىم ھايراتنى تەيىنلىدى. خەلق تەرىپىدىن سايلىنىپ، ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن پىرېزىدېنت مۇھەممەد مۇرسى ئىسىرائىلىيەنىڭ 2012 – يىلدىكى غەززە ھۇجۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مىسىرنىڭ ئىسىرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاتىف سالىمنى قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ مىسىرنىڭ ئىسىرائىلىيەگە باش ئەلچى تەيىنلىگەنلىكىنى تەبرىكلەپ، بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
نىگېرىيەدە بىر جامەدە پارتلاش يۈز بېرىپ 11 ئادەم قازا قىلدى
نىگېرىيەنىڭ كانو ئۆلكىسىدىكى بىر جامەدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا 11 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.