پاكىستاندا 20 تالىبان مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

پاكىستاندا تالىبانغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتتە 20 مىلىتان ئۆلتۈرۈلدى.

310677
پاكىستاندا 20 تالىبان مىلىتانى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتقا كۆرە، ھاۋا ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئافغانىستان چېگرىسىدىكى خەيبەر قەبىلىلەر رايونىنى بومباردىمان قىلغان، ھۇجۇمدا 20 مىلىتان ئۆلتۈرۈلگەن، 18 ى يارىلانغان.
بۇ ھەربىي ھەرىكەت بىلەن بىرلىكتە، بۇلتۇر ئۆكتەبىردە خەيبەر – 1 رايونىدا مىلىتانلارغا قارشى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ھەربىي ھەرىكەتلەردە ئۆلتۈرۈلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى مىلىتانلىرىنىڭ سانى 350 كە، ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى 40 قا يەتكەن.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر