جەنۇبىي كورېيەدە مېرس 24 كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

جەنۇبىي كورېيەدە مېرس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 24 كە يەتتى، مېرس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى بولسا 160 تىن ئېشىپ كەتتى.

309605
جەنۇبىي كورېيەدە مېرس 24  كىشىنىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيەدە مېرس ۋىرۇسىغا قارشى كۈرەشتە مۇۋەپپەقىيەت قولغا قەلتۈرۈلگەن بولۇپ، مېرس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇش ئېھتىماللىقى بار دەپ گۇمانلىنىپ دوختۇرخانىلاردا كۆزىتىلىۋاتقانلارنىڭ سانىدا ئازىيىش كۆرۈلگەن.
بۇ ئارىلىقتا، تايلاندتىمۇ تۇنجى مېرس ھادىسىسى كۆرۈلدى.
مېرس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان 75 ياشلىق كىشىنىڭ سودىگەر ئىكەنلىكى ۋە يېقىندا ئۇمماندىن كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر