بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسىرائىلىيەنى تەنقىد قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى بان كىمۇن غەززە ئۇرۇشى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىچىك بالىلار ئۈستىدە توختالغاندا ئىسىرائىلىيەنى تەنقىد قىلدى ۋە ئۆلۈم – يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.

309681
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسىرائىلىيەنى تەنقىد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بان كىمۇننىڭ توقۇنۇشلاردا بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنىڭ ئاياق – ئاستى قىلىنىشى، بالىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە مېيىپ بولۇپ قېلىشى، بالىلارنى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش ھەققىدىكى دوكلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىندى. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، 2014 – يىلدىكى غەززە ئۇرۇشى جەريانىدا 557 پەلەستىنلىك بولۇپ، جەمئىي 561 كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 4271 كىچىك بالا يارىلانغان. غەززە 2014 – يىلى دۇنيا مىقياسىدا ئەڭ كۆپ كىچىك بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان 3 – توقۇنۇش رايونىغا ئايلانغان. غەززەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ سانى سۈرىيەدىكىدىنمۇ كۆپ بولغان. ئىسىرائىلىيە غەززەدىكى ب د ت نىڭ يەتتە مەكتىپىنى بومباردىمان قىلغان. بۇ ۋەقەلەردە 44 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.
باش كاتىپ بان كىمۇن ئىسىرائىلىيەنى سىياسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە، دوختۇرخانىلار ۋە مەكتەپلەرگە قارىتا يولغا قويۇلغان ئالاھىدە قوغدىنىش تەدبىرلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇ ئۆتكەنكى كۈنلەردە تالاش – تارتىش قوزغىغان قارار ئالغان بولۇپ، غەززەدىكى مەكتەپلەرنى بومباردىمان قىلغان ئىسىرائىلىيەنى بالىلارنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى ئاياق – ئاستى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزمىگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا سۇنۇلغان تىزىملىكتە ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماسمۇ بار بولۇپ، كۈچلۈك بېسىم نەتىجىسىدە ئىسىرائىلىيە بىلەن ھاماس تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر